查看原文
其他

تاۋار ماركىسى قانۇنى»دا قانداق يېڭىلىقلار بار؟ >

2016-02-15 sebiler





تاۋار ماركىسى قانۇنى»دا قانداق يېڭىلىقلار بار؟
يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى» 1  - مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل بولغان بازار رىقابەت تەرتىپى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق. ئۇنداقتا، تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى»دا قانداق يېڭىلىقلاربار؟  
  ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى»دىكى يېڭى نۇقتىلار تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
 مەشھۇر تاۋار ماركىسى» دەپ تەشۋىق قىلىش چەكلەندى. تۈزىتىلگەن «»تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 14 - ماددا 5 تارمىقىدا:«ئىشلەپچىقارغۇچىلار،تىجارەتچىلەر  <مەشھۇرتاۋار ماركىسى> دېگەن خەتنى تاۋار، تاۋارنىڭ ئورالمىسى ياكى لايىھەسىگە ۋە ياكى ئېلان، تەشۋىقات، كۆرگەزمە ۋە باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە ئىشلەتسە بولمايدۇ »؛ 53- ماددىسىدا: « مۇشۇ قانۇننىڭ 14 - ماددا 5 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنسا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەندى.
  باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىش چەكلەندى. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 15 - ماددا 2 - تارمىقىدا:« ئوخشاش بىر خىل تاۋارياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا،باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرماي ئالدىن ئىشلەتكەن تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا ياكى ئوخشىشىپ كەتسە ، ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن بۇ كىشى ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا، توختام، كەسپىي ئالاقە مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەر بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلسە، بۇكىشىنىڭ باشقىچە پىكىرى بولسا، بۇ تاۋار ماركىسى تەستىقلانمايدۇ » دەپ بەلگىلەندى.بۇ تارماقنى قوشۇشتىكى مەقسەت، باشقىلار ئاللىقاچان ئالدىن ئىشلەتكەن تاۋارماركىسىنى  رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
  كۆپ تۈرلۈك تاۋارغا ئوخشاش ماركا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنى دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىدىكى زور ئىسلاھات دېيىشكە بولىدۇ.تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 22 - ماددا 2 - تارمىقىدا: « تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، كۆپ تۈردىكى تاۋارغا ئوخشاش ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. بۇنىڭدا تاۋارماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچىغا قولايلىق بولۇش كۆزدە تۇتۇلغان.
  ئاۋازنىمۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا ئىلتىماس قىلىپ سۇنسا بولىدۇ. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 8 - ماددىسىدا:« تەبىئىي شەخىس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاۋىرى بىلەن باشقىلارنىڭ تاۋىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەر قانداق شەرتلىك بەلگە ، جۈملىدىن خەت ، شەكىل ، ھەرپ ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە ، رەڭ بىرىكمىسى ۋە ئاۋاز قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ » دەپ بەلگىلەندى.
  يامان نىيەتتە ھوقۇققا چېقىلغانلار يۇقىرى بولغاندا 3 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەيدۇ. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 63 - ماددىسىدا: « تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇقى چېقىلىنغانلىق ىسەۋەبىدىن ئۇچرىغان ئەمەلىي زىياننى ئاساس قىلىدۇ، ئەمەلىي زىياننى بېكىتىش قىيىن بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ،ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تارتقان زىيىنى ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، بۇ ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سوممىسى بويىچە مۇۋاپىق بېكىتسە بولىدۇ. يامان نىيەتتە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان بولۇپ ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا سوممىنى بېكىتكەندىن كېيىن، بىر ھەسسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن تۆلەم سوممىسى بېكىتىلىدۇ. ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى چېقىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇچرىغان ئەمەلىي زىيىنىنى ، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى ، تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قانۇندا يەنە: «بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تاۋارماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ياكى باشقا ئېغىر ئەھۋاللارنى سادىر قىلسا، ئېغىرلىتىپ جەرىمانە قويۇلىدۇ» دېيىلدى.
  ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى ئاشۇرۇلدى.بۇ قانۇننىڭ 63 - ماددىسىدا يەنە:«خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىشتە،ھوقۇق ئىگىسى چامىنىڭ يېتىشىچە ئىسپات كۆرسەتكەن، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ قىلمىشىغا ئائىت ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىياللار ئاساسلىقى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئىلكىدىكى ئەھۋالدا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا ئائىت ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ھوقۇققا چېقىلغۇچى تاپشۇرمىسا ياكى تاپشۇرغىنى ساختا ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەمىنلىگەن ئىسپاتى بويىچە تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
  تاۋار  ماركىسى  ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە تالاش - تارتىش مەسلىلىرىنىتەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلدى. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 28 -ماددىسىدا: «تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ تاماملايدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ»؛ 35 - ماددىسىدا: «دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىلىرىغا قارىتا باشقىچە پىكىرلەر چىقسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىردە بولغۇچى ۋە باشقىچە پىكىردە بولۇنغۇچىلارنىڭ پاكىت ۋە سەۋەبىنى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئېلان قىلىنىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق قارارى چىقىرىدۇ ھەمدە باشقىچە پىكىردە بولغۇچى ۋە باشقىچە پىكىردە بولۇنغۇچىلارغا يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتىش توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
  باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامى قىلىپ ئىشلىتىش چەكلەندى. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 58 - ماددىسىدا: « باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى، رويخەتكە ئالدۇرمىغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامىنىڭ تەركىبىگە قوشۇپ ئىشلىتىپ، جامائەتتە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلىرى، <ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى> بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ » دەپ بەلگىلەندى.



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存